حديث للعالم
شەرئىي ئەدەپلىرى

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى

4 حديث

4 حديث

مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».بىرلىككە كەلگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا يىقىن كەلگىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد خەتمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭچىلەر بىلەن خوشلاشقاندا: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيىتتىئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: مەھرەمسىز بىر كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن، دېگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنلىرى قاچانكى بىرەر داۋانغا ئۆرلىسە: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسە: سۇبھاناللاھ، دەيتتىبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان