حديث للعالم
شەرئىي ئەدەپلىرى

چۈش كۆرۈش ئەخلاقى

2 حديث

2 حديث

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈۋەتسۇن. ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن. شۇندىلا، يامان چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا سول تەرپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىۋەتسۇن ۋە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن، ئاندىن ياتقان يېنىدىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلۈپ ياتسۇنئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «من رآني في المنام فَسَيَرَانِي في اليَقظة -أو كأنما رآني في الْيَقَظَةِ- لا يَتَمَثَّلُ الشيطان بي».متفق عليه. مسلم