حديث للعالم
الموضوع

پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

288 حديث

288 حديث

ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم ئەلمازىني رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك خىيال قىلىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق چىقمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي لله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لَا يَفْرَكْ مُؤْمِنٌ مُؤْمِنَةً، إِنْ كَرِهَ مِنْهَا خُلُقًا رَضِيَ مِنْهَا آخَرَ» أَوْ قَالَ: «غَيْرَهُ».رواه مسلم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟».بىرلىككە كەلگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ».مۇسلىم رىۋايىتى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار» دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن». مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلىسۇن: جەھەننەم ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەپ كەلگەن.بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇش ئارىلىقىدا بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن، دەيمەن، دېدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن».بىرلىككە كەلگەن
عن عبد الله بن عُمَر رضي الله عنه قال: «اسْتَأْذَنَ الْعَبَّاسُ بن عَبْدِ الْمُطَّلِب رسول الله صلى الله عليه وسلم : أن يبيت بمكة ليالي مِنى، من أجل سِقَايَتِه فأذن له».متفق عليه
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۈۋېتىسىلەرھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش».بىرلىككە كەلگەن
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى.بىرلىككە كەلگەن
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رضيَ اللهُ عنهما: أنَّهُ قَالَ لعَطَاءِ بْنِ أَبِي رَبَاحٍ: أَلَا أُرِيكَ امْرَأَةً مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ؟ قُلْتُ: بَلَى، قَالَ: هَذِهِ الْمَرْأَةُ السَّوْدَاءُ، أَتَتِ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَتْ: إِنِّي أُصْرَعُ وَإِنِّي أَتَكَشَّفُ، فَادْعُ اللهَ لِي، قَالَ: «إِنْ شِئْتِ صَبَرْتِ وَلَكِ الْجَنَّةُ، وَإِنْ شِئْتِ دَعَوْتُ اللهَ أَنْ يُعَافِيَكِ» قَالَتْ: أَصْبِرُ، قَالَتْ: فَإِنِّي أَتَكَشَّفُ فَادْعُ اللهَ أَنْ لَا أَتَكَشَّفَ، فَدَعَا لَهَا.متفق عليه
ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدىھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضيَ اللهُ عنهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «إِذَا تَوَضَّأَ الْعَبْدُ الْمُسْلِمُ -أَوِ الْمُؤْمِنُ- فَغَسَلَ وَجْهَهُ خَرَجَ مِنْ وَجْهِهِ كُلُّ خَطِيئَةٍ نَظَرَ إِلَيْهَا بِعَيْنَيْهِ مَعَ الْمَاءِ -أَوْ مَعَ آخِرِ قَطْرِ الْمَاءِ-، فَإِذَا غَسَلَ يَدَيْهِ خَرَجَ مِنْ يَدَيْهِ كُلُّ خَطِيئَةٍ كَانَ بَطَشَتْهَا يَدَاهُ مَعَ الْمَاءِ -أَوْ مَعَ آخِرِ قَطْرِ الْمَاءِ-، فَإِذَا غَسَلَ رِجْلَيْهِ خَرَجَتْ كُلُّ خَطِيئَةٍ مَشَتْهَا رِجْلَاهُ مَعَ الْمَاءِ -أَوْ مَعَ آخِرِ قَطْرِ الْمَاءِ- حَتَّى يَخْرُجَ نَقِيًّا مِنَ الذُّنُوبِ».رواه مسلم
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈپ: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن! ، ئاندىن دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇ ئىشىمنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن، ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ماڭا ياخشى نېمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن، سەن غەيىپنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا، دۇنيالىق ئىشىمغا ۋە كەلگۈسىگە پايدىلىق بولسا، بۇ ئىشىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق، ئىشلىرىمغا خوشاللىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىمغا، دۇنيالىق تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ھىچ پايدىسىز بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، مېنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئىش نەدە بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى نىسىپ قىلغىن، ئاندىن شۇ ئىش بىلەن مېنى رازى قىلغىن» دېسۇن، دەيتتى «ھاجىتىنى دەيدۇ» دېدىبۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرنىڭ بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئۇ ئايالغا: «ئاللاھدىن قورقۇڭ، سەۋرى قىلىڭ» دېدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي: مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت سىزگە كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئۇ ئايالغا: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىدى،- دېيىلگەندىن كىيىن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكى ئالدىغا كەلدى، ئۇ يەردە قاراۋۇللارنى ئۇچراتماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: مەن سىلىنى تونىماپتىمەن،- دەپ ئۆزرى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ ئايال كېچىك بالىسىغا يىغلاۋاتقان ئىدى،- دېيىلگەنھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: «إِنَّ مِنْ أَشَرِّ النَّاسِ عِندَ الله مَنزِلَةً يَومَ القِيَامَةِ الرَّجُلَ يُفضِي إِلَى المَرْأَةِ وَتُفْضِي إِلَيه، ثُمَّ يَنشُرُ سِرَّهَا».رواه مسلم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى».ئەھمەد رىۋايىتى
عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «إِذَا لَبِسْتُم، وَإِذَا تَوَضَّأتُم، فَابْدَأُوا بَأَيَامِنُكُم».رواه أبو داود واللفظ له، والترمذي وابن ماجه وأحمد
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى، مەن جامائەتنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشىنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرپ، مەن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋەتسەمكەن دەپ كەتتىم».بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇيدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇمۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان